ياۋروپا ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ئوق-دورا ياردىمىنى تەستىقلىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپا تىنچلىق فوندى» رامكىسىدا، ئۇكرائىناغا ئوق-دورا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 1 مىليارد ياۋرولۇق خامچوتنى تەستىقلىدى.
1974644
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى قوللاش مەقسىتىدە ياۋروپا تىنچلىق فوندى رامكىسىدا 1 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم پىلانى تەستىقلانغان.
بۇ قېتىمقى ياردەم پىلانى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 20-مارت كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە بۇ يىل (2023) ئاخىرىغىچە 1 مىليون پاي زەمبىرەك ئوقى ئەۋەتىش بىلەن ئورتاق تەمىنلەش ئىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر فوند رامكىسىدا ئۇكرائىناغا قىلغان جەمئىي ياردىمى 4.6 مىليارد ياۋروغا چىققان بولىدۇ.