شاھزادە خاررى ئەنگلىيەدە تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان بولدى

شاھزادە خاررى ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېز III نىڭ 6- مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان بولدى.

1974261
شاھزادە خاررى ئەنگلىيەدە تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بۇككىڭھام سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئەنگلىيە خان جەمەتىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكادا ئولتۇراقلاشقان سۇسسېكىس كېنەزلىكى شاھزادىسى خاررىنىڭ دادىسى پادىشاھ چارلېزنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.

باياناتتا، سۇسسېكىس كېنەزلىكى مەلىكىسى مېگان ماركلېنىڭ بولسا، شاھزادە ئارچى ۋە مەلىكە لىلىبېت بىلەن بىرلىكتە كالىفورنىيەدە قالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ بايانات، يېقىندىن بېرى ئۇلارنىڭ (شاھزادە ۋە ئايالىنىڭ) تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز-چۆچەكلەر تارقالغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

سۇسسېكىس كېنەزلىكى خاررى ۋە ئۇنىڭ ئايالى مېگان ماركلې 2020-يىلى 1-ئايدا خانلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، تېخىمۇ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن ئۇزاقلىشىش ئۈچۈن ئامېرىكادا ئولتۇراقلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر