بلىنكېن: ئامېرىكانىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇشقا كىرىش ياكى ئۇنى كونترول قىلىش ئەمەس

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى مەقسىتىنىڭ يېڭى سوغۇق ئۇرۇش ئەمەس، تىنچلىق، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە پۇرسەت يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1973607
بلىنكېن: ئامېرىكانىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇشقا كىرىش ياكى ئۇنى كونترول قىلىش ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىك مانالو ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارلىتو گالۋېز بىلەن ئۆتكۈزگەن «ئامېرىكا- فىلىپپىن 2 + 2 مىنىستىرلار سۆھبەت يىغىنى»دىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

فىلىپپىن تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، مۇھىت ۋە كىلىمات ھەمكارلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئانتونى بلىنكېن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دىققەتلىرىنى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر بىلىنكېن «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى فىلىپپىندىكى بازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك يۈز بەرگۈسى بىر ئۇرۇشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ۋاشىنگتوننىڭ رايوندىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى تەرتىپكە سېلىپ، كۈچكە مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى ياۋروپا ۋە تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۇنيادىن ئاڭلىغانلىرىمىز ۋە مېنىڭ بىزگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان نەرسەم، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇش. بىزنىڭ مەقسىتىمىز تىنچلىق، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە پۇرسەتلەرنى يارىتىش. ئۇ خىتاي بىلەن يېڭى سوغۇق ئۇرۇشقا كىرىش ياكى خىتاينى كونترول قىلىش ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەنپەئەتى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن قەتئىي پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر بلىنكېن، ۋاشىنگتوننىڭ يەر شارىۋى مەسىلىلەردە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر