فىلىپپىن-ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن فىلىپپىن  تارىختىن بۇيانقى ئەڭ  كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

1972829
فىلىپپىن-ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن فىلىپپىن خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلىرىنى تاماملىشىدىن بىر كۈن كېيىن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ  كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

تەخمىنەن 18 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان «بالىتاكان» (مۈرىنى مۈرىگە تىرەش) ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر جەنۇبىي دېڭىزدا باشلاندى.

مانېۋىر جەريانىدا راست  ئوق-دورا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىشنى تەقلىد قىلغان ئۈچ كۈنلۈك مانېۋىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، «بالىتاكان» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، ھەربىي تىك ئۇچارلارنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارال رايونىغا قونۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر تۇنجى قېتىم فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر