ئامېرىكا يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ «مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىۋېتىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

ئامېرىكا ناھايىتى مەخپىي نۇرغۇن ھۆججەتلەر ئىنتېرنېت مۇھىتىدا تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ئۇچۇرنىڭ «قېچىش» مەنبەسىنى ئىزدەشكە تۇتۇشتى.

1972374
ئامېرىكا يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ «مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىۋېتىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن تارتىپ ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى —موسادقىچە بولغان نۇرغۇن جايلارنىڭ ناھايىتى مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەر ئىنتېرنېت مۇھىتىدا تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ئۇچۇرنىڭ «قېچىش» مەنبەسىنى ئىزدەشكە تۇتۇشتى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، خىتاي، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقاغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ھۆججەتلەردىكى تېمىلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئۇلارنى بىر ئامېرىكالىق پاش قىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مايكىل مۇرروي: «ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت ئامېرىكانىڭ قولىدىلا بولغاچقا، ھازىر دىققەت بۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئامېرىكا بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشقا مەركەزلەشمەكتە» دېدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تەكشۈرۈشنىڭ تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىۋېتىشنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنى قوللايدىغان ئۇنسۇرلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە پاش قىلىنىشىنىڭ 700 مىڭدىن ئارتۇق ھۆججەت، سىن كۆرۈنۈشى ۋە دىپلوماتىك تېلېگرامما پاش قىلىۋېتىلگەن 2013 – يىلىدىكى ۋىكىلېكس ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىخەتەرلىككە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر