تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدا 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 44 كىشى قازا قىلدى.

1971907
تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدا 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىملىكى نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇركىنا فاسونىڭ ساھەل رايونىغا جايلاشقان كوراكوۋ ۋە توندوبى يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا 44  كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەمما ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى 2015-يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالى ۋە شەرقىگە پات پات ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلدىن 2021-يىلى 12-ئايغىچە 600 نەپىرى بىخەتەرلىك خادىملىرى بولۇپ، جەمئىي 2000 غا يېقىن كىشى قازا قىلغان ۋە 2 مىليونغا يېقىن كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر