خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدىكى دوكلاتى دىققەت قوزغىدى

خىتايدىكى مەلۇم تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەخمىنەن ئۈچ يىل ئىلگىرى ئېلىنغان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ ئانالىزىنى ئېلان قىلدى.

1971391
خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدىكى دوكلاتى دىققەت قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇنەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار بازىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولدى.

تەتقىقات، ۋىرۇستا ياۋا ھايۋانلارنىڭ گېن ماتېرىيالى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بەزى ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېسەللىكنىڭ ئەسلىدە يۇقۇملانغان بىر ھايۋاندىن ئادەمگە يۇققانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئىسپاتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

«تەبىئەت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى باشقا ئالىملار تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەن بۇ يېڭى ئانالىز، بازاردىكى تەزگاھلاردىن، كىشىلەردىن، قەپەز ۋە ماشىنىلاردىن توپلانغان بۇ ئەۋرىشكىلەر توغرىسىدا تېخىمۇ مۇھىم تەپسىلىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتى، ياۋايى ھايۋانلار سېتىلىدىغان رايونلاردىن يىغىلغان بەزى ئەۋرىشكىلەرنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئانالىزدا يەنە، ۋىرۇسنىڭ ئاسان يۇقىدىغانلىقى بىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ، بولۇپمۇ راك ئىتلىرىنىڭ بۇ جايلاردا بىۋاسىتە سېتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بىراق، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇلارنىڭ يۇقۇمنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى تولۇق ئىسپات بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش نەزەرىيەسى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ ئىلمىي ئورۇندىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ (تەجرىبىخانا نەزەرىيەسى) «ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ» ئەھۋال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر