گېرمانىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى
گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى كارل لاۋتېرباخ دۆلىتىدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
1971011
گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى كارل لاۋتېرباخ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاكسىنا ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان كېسەللىكلەرنى كلىنىكىلىق داۋالاش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋارىيانتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيەنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرغانلىقىنى بايان قىلغان لاۋتېرباخ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ توغرا قارارلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە 7 – ئاپرېل كۈنى (يەنى ئەتە) ماسكا تاقاش مەجبۇرىيىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدىكەن.