ھىندىستان خىتاينىڭ تالاش- تارتىشلىق جايلارنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ھىندىستان ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشلىق جايلارنىڭ ناملىرىنى خىتاينىڭ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1969927
ھىندىستان خىتاينىڭ تالاش- تارتىشلىق جايلارنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىگە قاراشلىق تالاش-تارتىشلىق چېگرا رايونىدىكى 11 جاينىڭ نامىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئارىندام باغچى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ ئۆزگەرتىش خىتاينىڭ تۇنجى ئۇرۇنۇشى ئەمەس، بىز بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز» دېدى.

ئارىندام باغچى ئارۇناچال پرادېشنىڭ ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلمەس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئويدۇرما ئىسىملارنى قويۇشقا ئۇرۇنۇش، بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېدى.

بۇ قېتىمقى يېڭى جىددىيلىك خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 1- ئاپرېلدا «جەنۇبىي تىبەتتىكى بەزى جۇغراپىيەلىك ئىسىملارنى قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى» جاكارلىىشى سەۋەبىدىن باشلاندى.

بۇ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى تاغ چوققىلىرى، ئولتۇراق رايونلار، دەريالار ۋە ئۆلكە پايتەختى ئىتاناگارغا يېقىن يېزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي 2017-يىلىمۇ تىبەتنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن، ئارۇناچال پرادېشتىكى ئالتە رايوننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغان ئىدى.

2022-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى تىزىملىكنى ​​ئېلان قىلغان خىتاي دائىرىلىرى، رايوندىكى 15 جاينىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ھىندىستان بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى قەتئىي رەت قىلغان ئىدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھىمالايا تېغىنى ئوراپ تۇرىدىغان چېگرا لىنىيەسى ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش- تارتىشلىرىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.  دەريا، كۆل، مۇزلۇقلار ۋە قارلىق چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا رايونىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پات- پات كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر