ئىسرائىلىيە دەمەشىقتىكى بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1969369
ئىسرائىلىيە دەمەشىقتىكى بىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى «سانا»نىڭ ھەربىي مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە دەمەشق چەت رايونىدىكى بىر جاي ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇمدا ئىككى پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە: «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىمىز دۈشمەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى توراپ، بىر قىسمىنى ئېتىپ چۈشۈردى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە زىيان كۆرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھۇجۇم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

دەمەشىق ۋە ئەتراپىدىكى چەت رايونلاردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرى بىلەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى قوماندانلىقىدىكى چەت ئەل تېررورچى ئۇنسۇرلىرى، بولۇپمۇ ھىزبۇللاھ (ئاللاھ پارتىيەسى) قوراللىقلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011- يىلىدىن بۇيان پات – پاتلا ئىران ھىمايىسىدىكى تېررورچىلار بىلەن ھاكىمىيەت ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر