ئامېرىكا فىلىپپىندىكى يەنە تۆت بازىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) فىلىپپىندىكى يەنە تۆت بازىغا ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىندىكى كامىلو ئوسىياس، كەمپ مېلچور دېلا كىرۇز، بالاباك ئارىلى ۋە لال-لو ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۆت يېڭى بازىنىڭ كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى مەزكۇر كېلىشىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بەش بازىدىن باشقا، بۇ تۆت بازىغىمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.
باياناتتا، ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىدا بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى فىلىپپىننىڭ مۇداپىئە ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 82 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقانىدى.
ۋاشىنگتون تىنچ ئوكياندا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.