كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئالتە ئادەم ئۆلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى كېۋۇ كۆلىدە بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 64 ئادەم يوقاپ كەتتى.

1969727
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئالتە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 150 يولۇچى ئولتۇرغان كېمە كېۋۇ كۆلىدە ئۆرۈلۈپ كەتتى.

دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھادىسىدە ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 64 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، گوما شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان كېمىدىكى 80 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر