ئالاباما ئىشتاتىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا بىر قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1969105
ئالاباما ئىشتاتىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئالاباما ئىشتاتىنىڭ بىرمىڭخام شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ پىيادە يۈرۈۋاتقاندا كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى سەۋەبىدىن بىر قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارى چاقىرىلغان.

ئۈچ خادىمى بار «Eurocopter EC130» تىپلىق قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارىنىڭ شېلبي (Shelby) ناھىيەسى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، بىر كىشى يارىلاندى.

ساقچى ئىدارىسى تىك ئۇچاردىكى ئۈچ خادىمدىن بىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ئىككى يارىداردىن بىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر