كىم يوجوڭ: «ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى بىلەن قىمار ئوينىدى»

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوجوڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى دوغا تىككەنلىكىنى ئېيتتى.

1968678
كىم يوجوڭ: «ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى بىلەن قىمار ئوينىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېبنلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم يوجوڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ئىشخانىسىنىڭ تور بېتىدە، ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى ئۇكرائىناغا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى دۆلەتنىڭ ئۆز يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پۇقرالارنىڭ ئىمزاسىغا سۇنۇلغان ئىلتىماس ئۈستىدە توختىلىپ، شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) غا بايانات بەرگەن.

كىم يوجوڭ ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاخىرقى كۈنلىرىنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ تەقدىرىنى دوغا دو تىكىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتتى» دېدى.

كىم يوجوڭ ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيەنى مەغلۇب قىلالايدىغانلىقىغا دائىر ساقايماس «ئۇلۇغلۇق كېسىلى» گە گىرىپتار بولغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە قاراتقان ھالدا: «ئەگەر ئۇلار ئامېرىكانىڭ تېشىلىپ كەتكەن يادرو قورالىنىڭ ئاستىغا كىرسەكلا رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنالايمىز دەپ ئويلاۋاتقان بولسا، خاتا يولغا ماڭغان بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر