رۇسىيە نوۋوسىبىرسك رايونىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

رۇسىيە نوۋوسىبىرسك رايونىدا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە يارس قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1966798
رۇسىيە نوۋوسىبىرسك رايونىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «يارس قىتئەلەر ئارا اشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى بىلەن قوراللانغان نوۋوسىبىرسك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. مانېۋىرغا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە تەخمىنەن 300 قىسىمنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى قاتناشتۇرۇلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

يارس باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى 12-11 مىڭ كىلومېتىر مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2010-يىلى ياسىلىشقا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 2007-يىلى سىناق قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر