ئېكۋاتوردا يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 16 ئادەم قازا قىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يوقاپ كەتتى.

1966117
ئېكۋاتوردا يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 16 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىمبورازو ئۆلكىسىگە قاراشلىق  ئالائۇسى كەنتىدە يەر كۆچۈش ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئاپەت نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر 16 ئادەم قازا قىلغان، 13 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 10 ئادەم يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونى يەر ئاستىدا قالغان، تەخمىنەن 500 چە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، رايوندا ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر رايوند يېقىندىن بۇيان تاغدا يېرىقلار شەكىللەندۈرگەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەر كۆچۈش ئاپىتى كېلىپ چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر