ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار 10 ھەسسە كۆپەيگەن

ئىسپانىيەدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار يېقىنقى 30 يىلدا 10 ھەسسە كۆپەيدى.

1964758
ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار 10 ھەسسە كۆپەيگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ئىسلام كومىتېتىنىڭ كاتىپى مۇھەممەد ئاجانا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ: «يېقىنقى 30 يىلدا ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 10 ھەسسە كۆپەيدى. ھۆكۈمەت مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، 2 مىليون 500 مىڭ ، رەسمىي بولمىغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، تەخمىنەن 3 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ. بۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 1 مىليوندىن كۆپرەكى ئىسپانىيە پۇقراسى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۆچمەن، يەنە بىر قىسمىنىڭ يىلتىزى يەرلىك ئىسپان» دېدى.

ئۇ ماراكەش، پاكىستان، باڭلادىش، سېنېگال ۋە ئالجىرىيەدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپىنچىسىنىڭ كاتالونىيە، ۋالېنسىيە، ئېندۇلۇس ۋە مادرىد قاتارلىق سانائەتلەشكەن رايونلاردا ياشايدغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رامىزاننىڭ ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئاي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئەڭ مەركەزلەشكەن سېئۇتا ۋە مېلىللادا يولغا قويۇلغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا بىر كۈن رەسمىي دەم ئېلىشنى، قالغان رايونلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ  يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ 1992-يىلى دۆلەتتە ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسىدە، ئىسپانىيە ۋەزىيىتىنىڭ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ھەر ۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆچمەنلىكتىن ساقلىنىش كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر