بىلىنكېن رۇسىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن رۇسىيەنى ئېغىر ئېمبارگو ۋە چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغان «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنىڭ ئارزۇ قىلىنمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1964158
بىلىنكېن رۇسىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن پالاتانىڭ خامچوت ئاجرىتىش كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار، تاشقى ھەرىكەتلەر ۋە ئالاقىدار پىروگراممىلار تارماق كومىتېتىدا مىنىستىرلىقنىڭ 2024-يىللىق خامچوتىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بىلىنكېن بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ رۇسىيەنى «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىپ – ئىشلەنمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە ھەر خىل جازالارنى يۈرگۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىزنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ۋەھشىيلىكلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن نۇرغۇن جازالىرىمىز بار. مېنىڭچە، ئۇنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئارزۇ قىلىنمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكانىڭ موسكۋاغا قارشى مۇۋاپىق بولغان بارلىق قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بلىنكېن: «بىز ئۇنى (رۇسىيەنى) تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرىمۇ بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر