ئېكۋادوردىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 كە يەتتى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا 18 - مارتتا يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 كە يەتتى.

1962019
ئېكۋادوردىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بالاۋ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ئالتە كىلومىتىر كېلىدىغان رايوندىكى يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 446 گە يەتكەن.

ئېكۋادوردا يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ ئېل ئورو ۋە ئازۇئاي ئىكەنلىكى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە كەم دېگەندە 360 بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

ئېكۋادور پىرېزىدېنتى گىلېرمو لاسسو ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ: «ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى تېز باشلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق مالىيە كۈچىمىزنى سەپەرۋەر قىلدۇق، زىياننى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى باشلاندى» دېدى.

يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قوشنا دۆلەت پېرۇنىڭ شىمالىدىكى تومبېس شەھىرىدىمۇ تۆت ياشلىق بىر قىزنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن بىرازىلىيە، كولومبىيە ۋە چىلىنىڭ باياناتلىرىدا، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئېكۋادور ۋە پېرۇ خەلقى بىلەن ھەمكارلىق تەكىتلىنىپ، ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر