كولومبىيەدە ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئەسكەر قازا قىلدى

كولومبىيەنىڭ چوكو مەمۇرىي رايونىدىكى ئورمانلىق رايونىغا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئەسكەر قازا قىلدى.

1962199
كولومبىيەدە ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئەسكەر قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، «EJC 4227» نومۇرلۇق ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ كۇيبدو شەھىرىگە قاراشلىق لا پلېيتا مەھەللىسىدىكى ئورمانلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە ۋەقەدە تۆت  ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ۋەقەدە قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، «ئەپسۇسكى، ۋەقەدە ھېچ كىشى ھايات قالمىدى، دائىرىلەرگە دەرھال رايونغا يېتىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈردۈم» دېدى.

كولۇمبىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە،ھەرىكەتتىن قايتىپ كېلىۋاتقان ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ مېخانىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن پەيتكە ئائىت بەزى كۆرۈنۈشلەر ھەمبەھىرلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر