كامېروندا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا ئالتە ئادەم قازا قىلدى
كامېروننىڭ يىراق شىمالىي رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا ئالتە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ئەزالىرى يىراق شىمالىي رايوندىكى دجىبرىللى يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئالتە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە 2000 -يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بوكو ھارامنىڭ 2009-يىلىدىن بۇيانقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بوكو ھارام 2015-يىلدىن بۇيان نىگېرىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى قوشنىلىرى بولغان كامېرون، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەرگە پات – پات ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.
خەلقئارا كىرىزىس تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوكو ھارامنىڭ 2014- يىلىدىن بۇيانقى يىراق شىمالىي رايونغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3000 گە يېقىن ئادەم قازا قىلغان، 250 مىڭغا يېقىن كىشى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.