ئېكۋادوردا يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەشتە 13 كىشى قازا قىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەشتە 13 كىشى قازا قىلدى.

1961707
ئېكۋادوردا يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەشتە 13 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور پىرېزىدېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بالاۋ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 6 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كاتىباتلىقىنىڭ باياناتىدا، قازا قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پېرۇ چېگراسىدىكى ئېل ئورو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ۋە 126 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 17 مەكتەپ، 31 سەھىيە مەركىزى ۋە 50 بىنا زىيانغا ئۇچرىدى، 7 بىنا پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

كۇئېنكا، ماچالا ۋە گۋاياكىلدا بەزى بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن يەر يۈزىدىن 65.7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، قوشنا دۆلەت پېرۇدىمۇ ھېس قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر