ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ «سالاكنىب» مانېۋىرى باشلاندى

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ 4 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى.

1959657
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ «سالاكنىب» مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن ئەسكەرلىرى فىلىپپىننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي رايونى جايلاشقان پالايان شەھىرىدە تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدىغان «سالاكنىب» (Salaknib) ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.

فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال رومېيو براۋنېر بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال خاۋېر برانسوننىڭ سۆز قىلىشى بىلەن باشلانغان مانېۋىرغا، 1000 فىلىپپىن ئەسكىرى بىلەن 3 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى قاتناشتى.

فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال رومېيو براۋنېر مانېۋىر توغرىسىدا توختىلىپ، ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز قىرغاقلىرى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى، ئوخشىمىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ فىلىپپىندە 2016-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «سالاكنىب» مانېۋىرىنىڭ 4-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىلىپپىن 2014-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تەرەققىي قىلغان مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى (EDCA) رامكىسىدا، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، 2-فېۋرال (2023) ئامېرىكانىڭ فىلىپپىندىكى تۆت ھەربىي بازىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر