شى جىنپىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلاندى

خىتايدا ئۈچىنچى قېتىم رەئىسلىككە سايلانغان شى جىنپىڭ، خىتاينىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دۇنيا خەۋپسىزلىكىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1958811
شى جىنپىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى ھاكىمىيەتتىكى ئۈچىنچى نۆۋىتى باشلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، خىتاينىڭ «مىللىي ئويغىنىشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: « خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى مەزگىللەردە كۆپ تەرەپلىكنى قوغدايدۇ، يەر شارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، يەر شارىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. بۇنداق قىلىش، دۇنيا تىنچلىقىغا ۋە تەرەققىياتىغا ئىجابىي ئېنېرگىيەلەرنى بېرىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق خەلقئارالىق مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز چوقۇم ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ دۆلەت مۇداپىئەسىنى «ھەر قايسى تەرەپلەردە» تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىز چوقۇم خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالايدىغان <خىتاي تۆمۈر سېپىلى> غا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ «مىللىي ئويغىنىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى قامداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

10-مارت (2023) ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن بىردەك قايتا سايلانغان شى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىككى نۆۋەتتىن كۆپ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خىتاي رەھبىرى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر