فىلىپپىندا 43 كۈن ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ جەسىتى تېپىلدى

فىلىپپىندا يوقاپ كەتكىنىگە 43 كۈن بولغان ئايروپىلاندىكى 6 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1957930
فىلىپپىندا 43 كۈن ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ 24 – يانۋار كۈنى ئىسابېلا رايونىدىكى كاۋاياندىن شۇ رايوندىكى ماكوناكونغا قاراپ قوزغالغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى تېپىش پائالىيەتلىرى ئىزدەش ئىتلىرى ئارقىلىق داۋاملاشتى.

ئىزدەش داۋامىدا تاغلىق رايوندا 43 كۈن ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن يەككە موتورلۇق «Cessna 206» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قالدۇقى، بىر ئۇچقۇچى ۋە بەش يولۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

ئىسابېل ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ۋە بۇ رايوننىڭ تاغلىق بولۇشى سەۋەبلىك، ئىزدەش پائالىيەتلىرى ئۇدا بىرقانچە ھەپتە داۋاملاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، فىلىپپىندا 1 – مارت كۈنى يوقاپ كەتكەن 5 ئادەم ئولتۇرغان داۋالاش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھازىرغىچە تېپىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر