ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

1957038
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغال ئاستىدىكى  ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جېنىن شەھىرىنىڭ جابا كەنتى ئەتراپىدىكى ئەلفەۋۋارا رايونىغا ئۆگزىلەرگە مەرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان پەلەستىنلىكەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىشغال ئاستىدىكى  ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىش ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىدىكەن.  

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىنىڭ شىمالىدىكى بولۇپمۇ جېنىن ۋە نابلۇس قاتارلىق رايونلاردىكى پەلەستىنلىك قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا دائىم دېگۈدەك توقۇنۇشلار يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر