ئامېرىكادا خىتاي ھارىقىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار زەھەرلەندى

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى ماسساچۇستېس ئۇنىۋېرستېتى (UMass) دا خىتاينىڭ «TikTok BORG trendi» ھارىقىنى ئىچكەن ئوقۇغۇچىلار زەھەرلەندى.

1955591
ئامېرىكادا خىتاي ھارىقىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار زەھەرلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ماسساچۇسېتس ئۇنۋېرسىتىتىدا «TikTok BORG trendi» سەۋەبىدىن زەھەرلەنگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىندى.

ماسساچۇسېتس ئۇنۋېرسىتىتى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە «TikTok BORG trendi» كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاراقنى كۆپ ئىچىش سەۋەبىدىن 28 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.

دائىرىلەر زەھەرلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي خەۋپنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سەپەرۋەرلىككە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەرلىك ساقچىلار بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ماسساچۇسېتس ئۇنۋېرسىتىتى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەپتە ئاخىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىككە ئائىت تەلىم-تەربىيەنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىققان پىسخىكا ۋە ساغلاملىق خەۋىپى توغرىسىدا تەربىيە ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا يېقىنقى كۈنلەردە پات-پات كۆرۈلىدىغان «TikTok BORG trendi»، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا «زىيىنى ئازايتىلغان» ئىچىملىك ئىچىش ئۇسۇلى ۋەدە قىلغان يېڭى مودا.

«قاراڭغۇ غەزەپ گاللون» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بورگ (BORG)، سۇ، ۋوتكا، كوففېئىن تاتلىق تەم تەڭشىگۈچ ۋە ئېلېكترولىت بىلەن ياسالغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر