تالىبان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

1954333
تالىبان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇتتەقى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھار ۋىلايىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى توماس نىكلاسسون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى ھافىز زىيا ئەھمەد ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان  قىلدى.

ئەھمەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى  ئافغانىستان - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى كابۇلدىكى ئەلچىخانىلىرىنى قايتا ئېچىشقا تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى سەۋەبىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى توماس نىكلاسسون بولسا، ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئافغانىستانغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى تالىباننىڭ 2021- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر