ياۋروپا ئىتتىپاقى: يەر تەۋرەش تۈركىيە بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر ۋە كىرىزىسنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەزاسى جانىز لېنارچىچ 6-فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن بۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1953946
ياۋروپا ئىتتىپاقى: يەر تەۋرەش تۈركىيە بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېنارچىچ ياۋروپا پارلامېنتى تەرەققىيات كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن بارلىق ئاپپاراتلىرىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بارلىق ئاپپاراتلىرىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق سەپەرۋەر قىلىمىز. دەرۋەقە، بۇ ياردەملەر كەلگۈسىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ھالقىغان ئاساستا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملىشىشى كېرەك. جۈملىدىن، بۇ ياردەملەر خەلقئارا جەمئىيەتنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى كېرەك. مېنىڭچە  6-فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتتۇر.»

جانىز لېنارچىچ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەردىكى ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھازىرغىچە 8 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشقا ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە قوشۇمچە مەبلەغ توپلاش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمىز.»

لېنارچىچ  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى پەيتلەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ 30 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئالتە داۋالاش ئەترىتىنى دەرھال ئاپەت رايونلىرىغا ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ 17-فېۋرال كۈنى ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەمما داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ ئاپەت رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

لېنارچىچ يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 18 دۆلەتنىڭ پاناھلىنىش ماتېرىياللىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ سانىنىڭ 2 مىليون 600 مىڭدىن ئاشقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر