ئامېرىكا: تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1952551
ئامېرىكا: تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرىنىڭ تۈنۈگۈنكى تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇھىم شېرىكلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ھەردائىم تەشۋىق قىىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەمۇ، مىسىرمۇ بىزنىڭ مۇھىم شېرىكلىرىمىزدۇر. شۇڭا، مۇھىم شېرىكلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى ھەردائىم تەشۋىق قىلىۋاتىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى سامىھ شۈكرىنى ئادانا ئايرودۇرۇمىدا قارشى ئالغانىدى.

ئىككى مىنىستىر 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان «ئەلھۇررىييە» ناملىق پاراخوت لەنگەر تاشلىغان مەرسىن خەلقئارا پورتىدا بايانات ئېلان قىلغانىدى.

چاۋۇشئوغلۇ مىسىر – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ بۇلتۇر نويابىردا دوھادا كۆرۈشۈشىنىڭمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغانىدى، ھەمدە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۈكرى بىلەنمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى بولسا، مىسىر – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەكرار ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «مىسىر ھەردائىم تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر