ماكرون ئافرىقا ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتىنىڭ يېڭى ئافرىقا ئىستراتېگىيەسى رامكىسىدا ئافرىقادىكى فىرانسىيە ھەربىي بازىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1952578
ماكرون ئافرىقا ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 1-مارتتىن 5-مارتقىچە ئافرىقادىكى تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئېلسىي سارىيىدا بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ يېڭى ئافرىقا ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلىدى.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ ئافرىقادىكى ھەربىي بازىلىرىدا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھاسىل قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلىتىنىڭ ئافرىقادىكى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشنى، فىرانسىيەگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار باھانە سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان «ئۆتمۈشنىڭ مىراسىدىن يىراقلىشىش» نى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېيىكى ھەپتىلەردە ئافرىقانىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئافرىقاغا قايتۇرۇپ بېرىش رامكا قانۇنىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ رامكا ۋە ياۋروپا پايدىلىنىدىغان ئۇسۇل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە 2014-يىلدىن تارتىپ مالىدا تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «بارخان» ھەرىكىتىنى، باماكو ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى سەۋەبىدىن 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى بۇ دۆلەتتىن چېكىندۈرگەن ئىدى.

بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي ھۆكۈمەت 23-يانۋار (2023) ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پارىژ 2009-يىلدىن باشلاپ بۇ دۆلەتكە «سابرە ھەربىي ھەرىكىتى» رامكىسىدا ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق ئەسكەرلىرىنى 2023-يىلى 19-فېۋرال چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر