كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە بىر – بىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تىرىشىدىغان بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل كوسوۋۇ - سېربىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشكەنلىكىنى، ئەمما كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنىڭ كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1952397
كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە بىر – بىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تىرىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇجىج ۋە كوسوۋۇ باش مىنىستىرى ئالبىن كۇرتى بوررېل بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

بوررېل ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۈگۈن تەرەپلەر ماقۇللىغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا ئېھتىياجلىقمىز» دېدى.

ئالىي ۋەكىل بوررېل، «كېلىشىم ھاسىل قىلىش ناھايىتى مۇھىم، بىرلىككە كەلگەننى ئىجرا قىلىش تېخىمۇ مۇھىم» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رەھبەرلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشكەن بۇ پىلاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بوررېل، بۇ پىلانغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنىڭ سېنتەبىردە (2022) ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بوررېل كېلىشىمنىڭ كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا خەلقلەرنىڭ كىملىك ياكى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىپ ئەركىن ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا مۇناسىۋىتى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بوررېل ھەر ئىككى تەرەپنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى سىرتىدا، زىددىيەتنىڭ قايتىدىن كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنىڭ ئىجابىي تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بوررېل رەھبەرلەرنىڭ كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سېربىيە 2008-يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان كوسوۋۇنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قاراپ كەلمەكتە.

پات-پات توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتقان سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 2011-يىلى باشلانغان بېلگراد-پرىشتىنە دىيالوگ مۇساپىسى دائىرىسىدە، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا ۋە ئاخىرىدا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر- بىرىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئورتاق يول تېپىشقا تىرىشماقتا.​​​



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر