خىتاي: ئامېرىكانىڭ چارلاش ئايروپىلانى رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت سالدى
خىتاي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي چارلاش ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكەتتنىڭ «رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت» سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي ئالدىنقى سېپى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ < P-8A PSESID> تىپلىق چارلاش ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى. ھەربىي قىسىملار بۇ ئايروپىلاننىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتتى. دەرۋەقە، بۇ ئۇچۇش رايوننىڭ تىنچلىقىنى بۇزدى، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى خەتەرگە ئىتتىردى.»
باياناتتا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئارمىيەمىز دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تەيۋەن ئارىلى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆز تېررىتورىيەسى دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە قارشى تۇرىدىكەن.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى چارلاش ۋە رازۋېتكا پائالىيەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.