ئىتالىيەدە كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 59 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

ئىتالىيەنىڭ كروتونې شەھىرىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا كۆچمەنلەر كېمىسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار سانى 59 غا يەتتى.

1952114
ئىتالىيەدە كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 59 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (26-فېۋرال) ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كرونونې شەھىرىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كەتتى.

ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 59 غا يەتتى، 80 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا بالىلارمۇ بار بولۇپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلاردىن ئەھۋالى ئېغىر بولغان بىر كىشى بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 21 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «يەنە بىر دەھشەتلىك پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىم ئىتالىيە دېڭىز ساھىللىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە كىشى جېنىدىنئايرىلدى. مەن يەنە بىر قېتىم شۇنداق دەيمەنكى: گۈزەل تۇرمۇش ئىزدەۋاتقانلار بىخەتەرلىككە موھتاج، ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق. كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئۈچۈن بىخەتەر، قانۇنىي يوللارغا ئېھتىياجلىقمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر