ترامپ: ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بۇنچىۋالا يېقىنلىشىپ باقمىغان

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇنچىۋالا يېقىنلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1949809
ترامپ: ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بۇنچىۋالا يېقىنلىشىپ باقمىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تور بېتىدە 2022-يىلى 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «پىرېزىدېنت ترامپ ئايىغى چىقماس ئۇرۇشلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەنلەرنى ۋە يەر شارىلىشىشچىلارنى قوغلايدۇ» تېمىسىدا بىر ۋىدېئو تارقاتتى.

ئۇ ۋىدېئودا، «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بۇنچىۋالا يېقىنلىشىپ باقمىغان» دېدى ۋە «چوڭقۇر دۆلەت» (deep state)- دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بارلىق ئۇرۇش كۈشكۈرتكۈچىلىرى ھەمدە يەر شارىلىشىشچىلارنىڭ بۇ ئورگانلاردىن تازىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇرۇش قوزغىمىغان بىردىنبىر پىرېزىدېنت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋاشىنگتوندىكى بىيۇكراتلارنىڭ تەۋسىيەلىرىنى رەت قىلىپ، توقۇنۇشلارنىڭ چىقىشىنى توسقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنادا 2014-يىلى يۈز بەرگەن ئىسيانلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منىستىرلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋىكتورىيا نۇلاندقا ئوخشاش، ئۇكرائىنانى ناتوغا قاراپ يېقىنلاشتۇرغان كىشىلىرىمىز بار. مەن پىرېزىدېنتىڭلار بولغان بولسام، بۇلار ھەرگىزمۇ بولمىغان بولاتتى. ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان چىرىكلەشكەن دۇنيا تەرتىپىدىن قۇتۇلۇش لازىم» دېدى.

ئۇ 2024-يىلى پىرېزىدېنت بولغاندا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «توغرا رەھبەرلىك ئاستىدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى 24 سائەت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرالايمىز. مەن ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيمەن» دېدى.

دونالد ترامپ «Truth Social» ناملىق تاراتقۇ سۇپىسىدا، ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولغانلارنىڭ نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغاندىن ئىلگىرى ياكى كېيىن روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇ نامزاتلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن پىرېزىدېنت بولۇشقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تەكشۈرۈشنىمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر