ماداغاسقاردا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

ماداغاسقاردا يۈز بەرگەن «فرېددى» ناملىق بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1950137
ماداغاسقاردا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماداغاسقار جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي ساھىللىرىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن «فرېددى» ناملىق بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 16 مىڭ 660 كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان.

بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 10 رايوندا مائارىپ خىزمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندى ئوكياندىكى بىر ئارالغا جايلاشقان ماداغاسقاردا يېڭى باشلانغان يامغۇر پەسلى ئاپرېل ئېيىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

ماداغاسقاردا يانۋاردا يۈز بەرگەن «ېنېسو» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتىدىمۇ كەم دېگەندە 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر