ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەززە رايونىنىڭ جېنىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

1949268
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەززە رايونىنىڭ جېنىن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جېنىن شەھىرىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقارغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالغان ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپا پەلەستىنلىك ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا پات - پات پەلەستىنلىكلەرنى ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى تۇتۇپ كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر