كوناكوۋىچ ئاپەت رايونىدا كۆرگەنلىرى توغرىسىدا توختالدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمەدىن كوناكوۋىچ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىن تەسۋىرلەش ناھايىتى قىيىن بولغان ئالاھىدە ھېسسىياتلار بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1949186
كوناكوۋىچ ئاپەت رايونىدا كۆرگەنلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوناكوۋىچ تۈركىيە ۋە گېرمانىيە زىيارەتلىرىدىن كېيىن پايتەخت سارايېۋۇدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

6 – فېۋرال (2023) قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەگە كېلىپ پايتەخت ئەنقەرە ۋە ھاتايدا زىيارەتتە بولغان كوناكوۋىچ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتقانىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا ناھايىتى ئازابلىق كۆرۈنۈشلەرگە يولۇققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئىنسان ئەقلى تەسۋىرلىگۈسىز ئالاھىدە ھېسسىياتلار بىلەن قايتىپ كەلدىم. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ يەردىن بارغان ئەترەتلەر ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان خىزمەتلەرنى قىلدى» دېدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ئەڭ ئاكتىپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان كوناكوۋىچ: «بىز سان جەھەتتىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇردۇق، ياردەم ئەترەتلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ 234 ئادەمدىن تەركىب تاپقان 13 ئەترىتىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، 26 ئادەمنى خارابىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر