بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 51 ئەسكەر قازا قىلدى

بۇركىنا فاسو ئارمىيەسىگە قارشى سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 51 ئەسكەر قازا قىلدى.

1949204
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 51 ئەسكەر قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ساھېل رايونىنىڭ ئودالان ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق قىسىملارغا قارشى سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 51 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئەسكەرلەر بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 60 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائېش قاتارلىقلار بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورچىلار، 2015-يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2015 - يىلدىن 2021 - يىلى  12 - ئايغىچە بولغان جەرياندىكى ھۇجۇملاردا 600 نەپىرى بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 2000 ئادەم قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر