ئاپەت رايونلىرىغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى

رۇسىيەدە 6-فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركىز قىلىپ يۈز بەرگەن ۋە«بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان 7.7، 7.6 باللىق يەر تەۋرەشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن توپلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك مالزىمىلىرىنىڭ 200 توننىغا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

1948636
ئاپەت رايونلىرىغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى توپلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىئانە قىلغانلارغا، ياردەملەرنى قاچىلاپ ئايرودۇرۇمغا يۆتكەشكە ياردەم قىلغانلارغا ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ خادىملىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېيىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا كاتولىك جامائىتى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ياردەم يىغدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا كاتولىك جامائىتى مەملىكەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەكشەنبىلىك مۇراسىمدا، جامائەت ئەزالىرىنى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى. پايتەخت سارايېۋۇدىكى «ئەيسانىڭ قەلبى كاتېدرالى» دا ياردەم ساندۇقى ئېچىلدى. كاتولىك جامائىتىنىڭ مۇراجىئەتنامەسىدە مۇنداق دېيىلدى:

«ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز، ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىمىز، تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرىگە قىلىنىۋاتقان ياردەملەرگە قېتىلىشنى خالايمىز.»

سېربىيە ھۆكۈمىتى 29 دانە قىشلىق چېدىر، 500 ئەدىيال، ئىككى ئىسسىتقۇ، 50 دانە كۆچمە ھاجەتخانا، بىر گېنېراتور، بەش كىشىلىك 150 دانە ئاشخانا ئۈسكۈنىسى، 500 پلاستىك چىلەكتىن تەركىب تاپقان  ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تۈركيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتتى.

ناتو تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلىدىغان 1000 دىن ئارتۇق كونتېينېر ئۆيدىن 600 ى بېسىلغان پاراخوتنىڭ ئىتالىيەدىن يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىلدۈرۈلىشىچە، كونتېينېر ئۆيلەردە 4 مىڭ كىشى ۋاقىتلىق پاناھلىنالايدىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن يىغىلغان ياردەملەرنى توشۇغان ئايروپىلان قېتىم سانىنىڭ 118 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋام (WAM) ئاەېنتلىقى تۈركىيەگە 42 ئايروپىلان قېتىم، سۈرىيەگە 76 ئايروپىلان قېتىم، يېمەك-ئىچمەك، تېببىي مالزىمىلەر ۋە چېدىرلاردىن تەركىب تاپقان 3 مىڭ 375 توننا ياردەمنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئافرىقا دۆلىتى ئۇگاندادا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدىكى ئاپەت ئۈچۈن 10 مىڭ دوللار ياردەم ئەۋەتتى.

ئامېرىكادا ياشايدىغان پاكىستانلىق دوختۇرلار ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 365 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق نەق پۇل ئىئانە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر