FBI كومپيوتېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى — FBI نىڭ كومپيۇتېر تورى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1948103
FBI كومپيوتېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەنبەلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئىدارىنىڭ كومپيۇتېر تورىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان بىر خادىمى CNN غا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، خاككېرلارنىڭ ئىدارىنىڭ بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلار، ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۆلۈمنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق ئىشخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان نيۇيورك مەيدان ئىشخانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بولسا، «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋەقەدىن خەۋەردار بولۇپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ كونتروللۇق ئاستىدىكى ئايرىم بىر ۋەقە. تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھازىرچە ئارتۇق ئىزاھات بەرمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر