ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

خىتاي بىلەن ئىران ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە مائارىپىغا قويغان چەكلىمىلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

1947870
ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن (16-فېۋرال) قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

رەئىسى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سىياسەت، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، سۆھبەتلەر جەريانىدا سودا، دېھقانچىلىق، سانائەت، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئۇل-ئەسلىھە مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، سۆھبەتلەر جەريانىدا تالىباننىڭ 2021 - يىلى 8- ئايدا ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ مائارىپ ھەمدە خىزمەتتىكى ئورنىغا كۆرۈنەرلىك چەكلىمە قويۇشى مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

«ئىككى تەرەپ ئافغانىستان دائىرىلىرىنى بارلىق ئېتنىك ۋە سىياسىي گۇرۇپپىلار ئەمەلىي ئىشتىراك قىلغان سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، ئاياللار، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە باشقا دىنلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى» دېگەن ئىبارىلەرگەن ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر