كولۇمبىيەدە مىڭلىغان كىشى مەيدانلارغا چىقىپ ساغلاملىق ئىسلاھاتى قانۇنىغا نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

پىرېزىدېنت گۇستاۋ پېتروغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، بولۇپمۇ پايتەخت بوگوتانىڭ تارىخى بولىۋار مەيدانى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەر مەيدانلىرىدا ئىسلاھات قانۇنىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

1947143
كولۇمبىيەدە مىڭلىغان كىشى مەيدانلارغا چىقىپ ساغلاملىق ئىسلاھاتى قانۇنىغا نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر تەشكىللىگەن نامايىشنى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيۇشمىلارمۇ قوللىدى. ساقچىلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

دېموكراتىك مەركىزىي پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىگۇئېل ئۇرېب ساغلاملىق ئىسلاھاتىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «كوچىلارغا چىقىشىمىز كېرەك، ئۇلار ئاللىبۇرۇن باج ئىسلاھاتى بىلەن قىلغۇلىقىنى قىلدى،. تۇرمۇش تەننەرخىنى ناھەق ئۆستۈردى، تۆۋەن كىرىملىكلەرنى يېمەكلىك باھاسى بىلەن جازالىدى. ساغلاملىق ئىسلاھاتى بىلەن كولومبىيەلىكلەرنىڭ ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كەلمەكچى. پېنسىيە ئىسلاھاتى بىلەن بىزنى غەيرىي رەسمىيلىققا ۋە ئىشسىزلىققا مەھكۇم قىلماقچى، يۈرۈشكە چىقىش: ۋەتىنىمىزنى قوغداش ۋە ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قوغداشتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس پېترو ساغلاملىق ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ ھەممەيلەنگە باراۋەر ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈنۈگۈن (15-فېۋرال) پېترو پىرېزىدېنتلىق سارىيى كاسا دې نارىنونىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان ساغلاملىق ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ دۆلەتتە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى بەرپا قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر