نىگېرىيەدە «لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمى» دا 53 كىشى ئۆلدى

نىگېرىيەدە ھايۋاندىن ئىنسانغا تارقىلىدىغان «لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 53 كە يەتتى.

1946342
نىگېرىيەدە «لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمى» دا 53 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى (NCDC) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيەدە 1-يانۋاردىن (2023) بۇيان  پايتەخت ئەبۇجادىن باشقا 18 ئۆلكىدە 361 كىشى  «لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمى»  بىلەن يۇقۇملانغان.

بۇ مەزگىلدە «لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمى»  سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 53 كە يەتكەن، 217 ئادەم دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، «لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمى» سەۋەبىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر