دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1946038
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيەنى قوللاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيەدە ۋە شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈنۈگۈن (13-فېۋرال)، 6 – فېۋرال كۈنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن بىر كۈنلۈك «دۆلەتلىك ماتەم» ئېلان قىلىندى.

ئالبانىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ماتەم» دائىرىسىدە، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە ئاممىسى سورۇنلاردا بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىدىمۇ بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

ئالبانىيە پىرېزىدېنتى باجرام بېگاج ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئالبانىيە بايرىقىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلگەن سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بېگاج، مۇنداق دېدى:

«ئالبانىيەلىكلەر 2019-يىلى 29-نويابىر كۈنى ئالبانىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، تۈركىيەنىڭ قىلغان ياردىمىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»

شىمالىي ماكېدونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

 «ھۆكۈمەت، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ  ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ۋە بارلىق تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىشىدا بولسا، قاھرامانماراش ۋىلايىتىنى مەركەز قىلغان تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى روبېرتا مېتسولا فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى:

«ئالدىنقى ھەپتە، تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە بىر قاتار قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ياۋروپانىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن. ئوي – پىكىرلىرىمىز، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، قاپسېلىپ قالغانلار ۋە ۋە ھايات-ماماتلىق قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بىلەن بىللە.»

6 – فېۋرال (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتى بىلەن سۈرىيەگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن شۇنداقلا مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان 7.7، 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتى «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر