مىڭلارچە كىشى «ئايا بوۋاق»نى بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

6-فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتىن كېيىن، مىڭلارچە كىشى سۈرىيەدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ خارابىلىكىدە دۇنياغا كەلگەن قىز بوۋاقنى بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1944788
مىڭلارچە كىشى «ئايا بوۋاق»نى بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنىڭ جىندەرەس بازىرىدىكى بىر خارابىلىك ئاستىدا تۇغۇلغان ئايا (مۆجىزە) بوۋاق، قۇتقۇزۇۋېلىنغاندا كىندىكى ئانىسى بىلەن تۇتاش ئىدى. ئايا بوۋاقنىڭ ئانىسى، دادىسى ۋە تۆت قېرىندىشى خارابىلىك ئاستىدا قېلىپ جېنىدىن ئايرىلدى.

ئايا بوۋاق ھازىر دوختۇرخانىدا كۆزىتىلمەكتە؛ بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بالىلار دوختۇرى ھانى ماروفنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاق دۈشەنبە كۈنى (6-فېۋرال) ئىنتايىن ناچار ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.

ئايانىڭ قۇتقۇزۇش كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ھەمبەھرىلەندى. كۆرۈنۈشلەردە، بىر كىشى چاڭ – توزان ئىچىدىكى بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتاتتى. مەزكۇر ئايالىنىڭ يىراق تۇغقىنى خەلىل سۇۋەيدى، بوۋاق خارابىلىكتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئافرىندىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مىڭلىغان كىشىلەر بۇ بالىنى قانداق بېقىۋالالايدىغانلىقىنى سورىدى؛ دوختۇرخانا دىرېكتورى دوختۇر ئەتىييە خالىد، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئايانى بېقىۋېلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنىڭ ئايادىن تۆت ئايلىق چوڭ بىر بوۋىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن خالىد: «مەن ھازىر ھېچكىمنىڭ ئۇنى بېقىۋېلىشىغا يول قويمايمەن. ئۇنى يىراق تۇغقانلىرى قايتىپ كەلگۈچە، ئۆز بالامدەك باقىمەن» دېدى.

ئايانىڭ يۇرتى جىندەرەس ئاھالىسى ھازىرمۇ خارابىلىك ئاستىدىكى يېقىنلىرىنى ئىزدىمەكتە.

مەزكۇر بازاردىكى ژۇرنالىست مۇھەممەد ئەل ئادنان BBC گە بايانات بېرىپ: «ۋەزىيەت قورقۇنچلۇق. خارابىلىك ئاستىدا نۇرغۇن ئادەم بار. ئۇلارنى ھازىرغىچە چىقىرالمىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر