سۈرىيەدە بىر ئايال خارابىلىك ئاستىدا يەڭگىدى

بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىدىكى يەر تەۋرەشتە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن خارابىلىك ئاستىدا يەڭگىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1943122
سۈرىيەدە بىر ئايال خارابىلىك ئاستىدا يەڭگىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بىر ھامىلدار ئايال خارابىلىك ئاستىدا يەڭگىدى.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بوۋاقنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى، ئانىسىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان سۈرىيەدە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىگىلىنىشچە، ھەلەب شەھىرىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا، خارابىلىك ئاستىدا يەڭگىگەن بىر ھامىلىدار ئايال تېپىلغان.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بوۋاقنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى، خارابىلىكنىڭ ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىلغان ئايالنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر