بۇركىنا فاسودا 15 نەپەر نىگېرىيەلىك ئۆلتۈرۈلدى

سېنېگالدىكى بىر تەرىقەت گۇرۇپپىسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان نىگېرىيە گۇرۇپپىسىدىن 15 كىشى بۇركىنا فاسودىكى ھۇجۇمدا قازا قىلدى.

1943255
بۇركىنا فاسودا 15 نەپەر نىگېرىيەلىك ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سېنېگالنىڭ كوئالاك رايونىدىكى شەيخ ئىبراھىم نىئاس تەرىقىتىنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان بىر تۈركۈم نىگېرىيەلىكلەر بۇركىنا فاسونىڭ زوراۋان رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇمدا 15 نىگېرىيەلىك قازا قىلغان ۋە گۇرۇپپىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

نىگېرىيە پرېزىدېنتلىقىنىڭ باياناتىدا، پىرېزىدېنت مۇھەممەد بۇخارىنىڭ بۇ قاتىللىققا ئالاقىدار ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا نىگېرىيە بىلەن بۇركىنا فاسو ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ جىنازىلىرىنى ۋە ھۇجۇمدا ھايات قالغانلارنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى 2015 - يىلدىن بېرى بۇركىنا فاسونىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە پات پات ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر