مالى ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ مالى مۇدىرىنى «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى

مالى ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇقىملاشتۇرۇش ئۆمىكى باشلىقى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇيلاگې نىگېفا ئاتوندوكو ئاندالىنى «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى.

1942284
مالى ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ مالى مۇدىرىنى «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى ھۆكۈمىتىنىڭ يازما باياناتىدا، «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلىنغان ئاندالىغا مالىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 48 سائەت ۋاقىت بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئاندالىنىڭ بىر دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن كېرەكلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باماكو ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇقىملاشتۇرۇش ئۆمىكى «MINUSMA» نىڭ باياناتچىسى ئولىۋېر سالگادونىمۇ ئۆتكەن يىلى (2022) ئىيۇلدا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

سالگادو مالىغا ماڭغان 49  نەپەر پىل چىشى ساھىلى ئەسكىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇقىملاشتۇرۇش ئۆمىكى «MINUSMA» نىڭ  خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، ئەسكەرلەرنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر