دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلام دۇنياسىنى ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلام دۇنياسىنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى.

1942580
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلام دۇنياسىنى ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىرلىكنىڭ، رايون دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە مەركىزى قاھرامانماراش ۋىلايىتى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر